نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان بىلەن كۆرۈشتى.

2095428
نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ ئەبۇزەبىدىكى قەسر ئەل باھار سارىيىدا ئەل نەھيان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەن نۆۋەتتىكى سەۋىيەسىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى ياخشى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ھەر ساھەدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر