ئەردوغان رامافاسو بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئېزىلگەن پەلەستىن خەلقىگە قارشى سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتىشى ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى كىرىل رامافوسا بىلەن تېلېفونلاشتى؛ ئەردوغاننىڭ رامافوسا بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرى، تۈركىيە-جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقانىڭ پەلەستىندە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان سوتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا قاراپ چىقىش جەريانى مۇھاكىمە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەققانىي دېلونىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن شەكىلدە ئاخىرلىشىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.