خاقان فىدان نىيۇ يوركتا ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن تېمىلىق يىغىندىن ئىلگىرى نىيۇ يوركتىكى ب د ت بىناسىدا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى. ئارقىدىن ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئاتاف ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفان سېجورنى بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇ بۇ ئۇچرىشىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندېر شاللېنبېرگ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ X ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىنىستىر فىداننىڭ نىيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيىدە ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندېر شاللېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خاقان فىدان تۈرك ئۆيىدە يەنە، تۈركىيە-ئامېرىكا رەھبەرلىك كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.