خىتايدا ئىچىدە 16 تۈرك ماتروس بولغان پاراخوت چۆكۈپ كەتتى

خىتاينىڭ شاڭخەي دېڭىز تەۋەلىكىدە سوقۇشۇپ كەتكەن ئىككى پاراخوتتىن بىرسى چۆكۈپ كەتتى.

2092813
خىتايدا ئىچىدە 16 تۈرك ماتروس بولغان پاراخوت چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاڭخەي دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتا تۈرك ماتروسلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

قاتناش ۋە ئۇل- ئەسلىھە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى دېڭىز ئىشلىرى باش ئىدارىسى مارشال بايرىقى ئېسىلغان «ئومېگا» (OMEGA( ناملىق پاراخوتنىڭ شاڭخەي دېڭىز تەۋەلىكىدە «مېرابېللا» (MIRABELLA( ناملىق يەنە بىر پاراخوت بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سوقۇلۇش نەتىجىسىدە، ئىچىدە تۈرك ماتروسلارمۇ بولغان «ئومېگا» ناملىق ​​پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

قۇتقۇزۇش قولۋىقى بىلەن پاراخوتتىن ئايرىلغان 21 ماتروستىن 16 نەپىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ماتروسلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر