سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان تۆت تېررورچىسى بىر تەرەپ قىلىندى.

2090006
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىغا كۈچلۈك شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ تىنچلىق – ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىشقا ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر