دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى شېھىت ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 9 ئەسكەر شېھىت بولدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى.

2088217
دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى شېھىت ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش تەزىيە تېلېگراممىسى تارقىتىپ، شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە رەھىم-شەپقەت تىلىدى، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى؛ قۇرتۇلمۇش تېلېگراممسىىدا: «دۆلىتىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە خەلقىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قويمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلمازمۇ تېلېگرامما تارقىتىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تەزىيە ئۇچۇرىدا: بىز بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلانغۇچە كۈرىشىمىزنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز، ھېچبىر شېھىتىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قويمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

«ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى ۋە قالمايدۇ» دېگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا: «بىز بۇ ساتقۇنلاردىن قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بىر-بىرلەپ سورايمىز» دېدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ نىشانى ۋە مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. سۆيۈملۈك خەلقىمىز تېررورلۇققا ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ» دېدى.

كابىنېت ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىكى ئادرېسلىرىدا، تۈركىيە بايرىقىنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك مۇنداق دېدى: «شېھىتلىرىمىزنىڭ ماكانى جەننەت بولسۇن. بىز ۋەتىنىمىزنى ھەر خىل تەھدىتلەردىن قوغداش ئۈچۈن، كۈرىشىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋام قىلىدۇ.»

بۈيۈك ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى رەئىسى مۇستاپا دەستىچىمۇ خائىن ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر