سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بەش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
2086771
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «تىنچ ۋە خاتىرجەم مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا كۈچلۈك شەكىلدە زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاىمىز. قەھرىمان كوماندىر-جەڭچىلىرىمىز زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بەش تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى» دېدى.