مىڭلارچە كىشى سارقامىش شېھىتلىرىنى خاتىرىلىدى
سارقامىش ناھىيەسىدە سارقامىش ھەرىكىتىنىڭ 109 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2085290
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنۋەر پاشا قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش مەقسىتىدە باشلىغان سارقامىش ھەرىكىتىنىڭ 109 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئوسمان ئاشكىن باك، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش، قارس ۋالىيسى ۋە شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زىيا پولات قاتارلىق نۇرغۇن سىياسەتچى ۋە بيۇروكراتلار قاتناشتى.