ئەردوغان ئىراقنىڭ شىمالىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلىرىمىز ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى خائىنلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا شېھىت بولغان قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، تۇغقانلىرى ۋە مىللىتىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.

2080095
ئەردوغان ئىراقنىڭ شىمالىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلىرىمىز ئۈچۈن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ئېلان قىلغان تەزىيەنامىسىدا: «بۆلگۈنچى پەسكەشلەر تۆككەن قاننىڭ ھېسابى ئېلىندى ۋە ھېساب ئېلىش داۋاملاشماقتا. بىز تېررورلۇقنى مەنبەسىدە قۇرۇتۇش ئىستراتېگىيىمىزنى يولغا قويۇشنى ئاخىرقى بىر تېررورچى يوقۇتۇلغانغا قادەر قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر، ئىراقنىڭ شىمالىي ۋە سۈرىيەدە ھېچ بىر تېررورلۇق قۇرۇلمىسىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. ئېمپىريالىستلارغا مەدىكارلىق قىلىۋاتقان توختاملىق قاتىللار توپىغا قارشى كۈرىشىمىزدىن قەتئىي چېكىنمەيمىز. قولى قانلىق قانخورلارنى ۋە بۆلگۈنچى تەشكىلاتنى قوللاۋاتقانلار ھامان بىر كۈنى رايونىمىزنىڭ كەلگۈسىدە تېررورلۇققا قەتئىي ئورۇن يوقلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. چېگرايىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا تېررورچىلارغا نەپەس ئالدۇرمايۋاتقان بارلىق بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن. ئاللاھ  قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزنى مۇزەپپەر قىلسۇن»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر