ئۆنجۈ تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ياردەملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى تۈركىيەنىڭ بارلىق ئىدارە – ئورگانلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مۇھىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2077943
ئۆنجۈ تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ياردەملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار باياناتچىسى كەچەلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى _ ئافادنىڭ رەھبەرلىكىدە 13 – ئۆكتەبىردىن 12 – دېكابىرغىچە بولغان جەرياندا، تەخمىنەن 2500 ياردەم بۇيۇمىنىڭ 13 ئايروپىلان، ئىككى پاراخوت بىلەن مىسىرنىڭ ئەلئەرش پورتىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ياردەملەرنىڭ مىقدارى ئاشۇرۇلغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن كۇۋەيت قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ يوللىغان جەمئىي 1107 توننا ياردەم ئەشياسى بېسىلغان پاراخوتنىڭ ئەلئەرش پورتىغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭمۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قاپسېلىپ قالغان غەززەلىك ئىشچىلارغا ياردەم يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باياناتچى كەچەلى 16 –نويابىردىن بۇيان 182 بىمار ۋە يارىدار بىلەن ئۇلارغا قارايدىغان 147 كىشىنىڭ غەززەدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، بىمارلار بىلەن يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ساننىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كەچەلى غەززەدە دالا دوختۇرخانىسى قۇرۇش خىزمىتىنىڭمۇ پات يېقىندا تاماملىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر