پۇتىدىن ئايرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن رىتال قىز تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا غەززەدىن تۈركىيەگە يەنە 68 بىمارنىڭ ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2076273
پۇتىدىن ئايرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن رىتال قىز تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا غەززەدىن يېڭى بىمارلارنىڭ ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇلاردىن 37 سى بوۋاق، 31 سى قورامىغا يەتكەن كىشىلەر. 31 بىمارنىڭ ئىچىدە تۆت نەپەر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بار» دېدى.

ئۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن مىسىرنىڭ ئەل ئارىش ئايرودۇرۇمىدىن ئېلىپ كېلىنگەن غەززەلىك بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ باققۇچىلىرىنى ئەنقەرە ئەتىمەسگۇت ھەربىي ئايرودۇرۇمىدا كۈتۈۋالدى.

ئۇ بىمارلار ئىچىدە ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا يارىلانغان ۋە تېزلىكتە داۋالانمىسا پۇتى كېسىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن، تاراتقۇلاردىكى ۋىدېئولىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان رىتال ئىسىملىك كىچىك قىزنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىمارلارنىڭ ئەنقەرە ئەتلىك ۋە بىلكەنت شەھەر دوختۇرخانىلىرىدا داۋالىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنگىچە غەززەدىن ئېلىپ كېلىنگەن 114 بىمار بار ئىدى. بۇ قېتىم كەلگەن 68 بىمار بىلەن 182 گە چىقتى.  ئۇلارنىڭ قارىغۇچىلىرى بىلەن جەمئىي سان 359 بولدى. غەززەدىن كەلگەن بىمارلاردىن ئىككى نەپىرى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى. ھازىر ئالتە بىمار جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر