فىدان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۈگۈن (8-دېكابىر) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2074099
فىدان ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  غەززەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشققا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 11 – نويابىر كۈنى چاقىرىلغان پەۋقۇلئاددە بىرلەشمە يىغىنىدا، تۈركىيە، پەلەستىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيە، مىسىر، ئىيوردانىيە، قاتار ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىغا، غەززەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ۋە شەرتسىز توختىتىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى يەنە، تەتقىقات مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەندىن كېيىن، 9-دېكابىر (2023) كاناداغا يېتىپ بېرىپ، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھەم ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەم بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە ھەرىكەت قىلىشى پۈتكۈل دۇنياغا كۈچلۈك سىگنال بەرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر