غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 142 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 142 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى مىسىر ئارقىلىق ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.
2072052
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن مىسىرغا ئۆتكەن تۈركىيە پۇقرالىرىنى قاھىرە ئايرودۇرۇمىدىن ئېلىپ ئۇچقان تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا قوندى.
ئايرودۇرۇمدا، تۈركىيە پۇقرالىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرى شۇنداقلا تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ خادىملىرى كۈتۈۋالدى.
پاسپورت تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، بەزى پۇقرالار مەخسۇس ئاجرىتىلغان ئاپتوموبىللار بىلەن ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلدى.
باشقا ۋىلايەتلەرگە بارىدىغانلار بولسا، ئاپتوبۇس بىلەن تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بەلگىلىگەن مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەنلەرنى قارشى ئالغان يېقىن-يورۇقلىرى كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.