تۈركىيە خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا سايلاندى
تۈركىيە خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا قايتا سايلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ كېڭەش ئەزالىقى سايلاملىرىنىڭ تەشكىلاتنىڭ تۈنۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا چاقىرىلغان 33 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، مەزكۇر سايلاملاردا نامزات دۆلەت تۈركىيەنىڭ خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا قايتا سايلانلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:
«تۈركىيە خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىغا تۇنجى قېتىم ئەزا بولغان 1999-يىلدىن بۇيان، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارنىڭ ھەممىسىدە قايتا ئەزالىققا سايلىنىپ كەلمەكتە. دۆلىتىمىز دېڭىزچىلىق ساھەسىدىكى ئىمكانىيەتلىرى ۋە تەجرىبە – ساۋاقلىرىغا ئاساسەن، خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىغا ئىجابىي تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»