ئەردوغان غەززەلىكلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر ھۇجۇملىرىنىڭ بىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان (ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا): «غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىز 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ رەزىل ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى» دېدى.

2070499
ئەردوغان غەززەلىكلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر ھۇجۇملىرىنىڭ بىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پارتىيەسى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى)نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

غەززەلىكلەرنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ قەبىھ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «(ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى) پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا 50 كۈندىن بۇيان غەززەنى كۆيدۈردى، ۋەيران قىلدى. ئۇلار ئىنسانىيەت تارىخىدىن قارا ئىز سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان ھەر خىل ۋەھشىيلىكلەرنى قىلدى. %70 تىن كۆپرەكى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 16 مىڭ غەززەلىك قېرىندىشىمىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولدى. 35 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قېرىندىشىمىز يارىلاندى» دېدى.

غەززەدە يېقىنقى بىر ئەسىرنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋەھشىيلىكلىرىدىن بىرىنى سادىر قىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىسمىنى تارىخقا ئاللىبۇرۇن «غەززە قاسسىپى» دەپ يازدۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «بۇ داغ يالغۇز نېتانياھۇغىلا ئەمەس، ئۇنى شەرتسىز قوللىغانلارنىڭ ھەممىسىگە پېشانىسىگە چاپلاشتى. بۇ نومۇسلۇق داغ ھەرگىزمۇ پاكلانمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

غەززەدە سادىر قىلىنغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئۇرۇش جىنايىتىگە قارىتا بىر - ئىككىسىدىن باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن شۇنداقلا ئىنسانىيەت ۋىجدانى ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ئۈچۈن، بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر