فىدان بىريۇسسېلدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

خاقان فىدان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا  يېنس ستولتېنبېرگ ۋە باشقا مەنسەپداشلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

2070158
فىدان بىريۇسسېلدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېسپېن بارت ئېيدى ۋە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم قاتارلىق بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر