87 نەپەر تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس پۇقراسى مىسىر ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كەلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان 87 نەپەر كىشى مىسىر ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كەلدى.

2066841
87 نەپەر تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس پۇقراسى مىسىر ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «رەفاھ چېگرا ئېغىزى» دىن مىسىرغا ئۆتكەن 27 نەپەر شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى، 60 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 87 كىشى ئولتۇرغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى، قاھىرەدىن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئۇلارنى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرى بىلەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى قارشى ئالدى.

پاسپورت كونترول قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم پۇقرالار مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلدى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى بىلەن تۇرالغۇسى باشقا ۋىلايەتلەردىكى كىشىلەر جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر