نۇمان قۇرتۇلمۇش ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش مېكسىكا، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە، تۈركىيە ۋە ئاۋستىرالىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان  9-نۆۋەتلىك «MIKTA» پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتاغا يېتىپ باردى.

2066180
نۇمان قۇرتۇلمۇش ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا پايتەخت جاكارتادا «كۆپ تەرەپلىمىلىكنى كۈچەيتىش، ئەۋلادلار ئارا قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «MIKTA»  9 - نۆۋەتلىك پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىدا، «يەر شارىنى باشقۇرۇش مەركەزدە/ پارلامېنت قانداق ھەرىكەت قىلىشى لازىم؟»، «ئەھدىنامىلەر ۋە مەسئۇلىيەتتىن ھالقىغان كىلىمات ھەرىكىتى» ۋە «ياشلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش: تېخىمۇ گۈزەل بىر كەلگۈسى» تېمىلىق تارماق يىغىنلار ئېچىلىدۇ.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش يىغىن دائىرىسىدە، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودونىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى شەرىپىگە بېرىلىدىغان زىياپەتكە قاتنىشىدۇ.

نۇمان قۇرتۇلمۇش زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ ۋە يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا تۈركىيە ئاسپىرانتلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

2013 - يىلى قۇرۇلغان ۋە ئىسمى مېكسىكا، ھىندونېزىيە، كورېيە، تۈركىيە ۋە ئاۋستىرالىيەنىڭ باش ھەرىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن، قىەتئەلەر ئارا غەيرىي رەسمىي مۇزاكىرە ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرى «MIKTA»، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 20G ۋە باشقا ئالدىنقى قاتاردىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى، شۇنداقلا ماسلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى، بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئۆز رايونلىرىدا ئۈنۈملۈك ئاكتىيور ھېسابلىنىدىغان بەش دۆلەت، رايون ۋە يەر شارى تىنچلىقىغا ھەمدە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشتىن باشقا يەنە، خەلقئارا مەسىلىلەرگە ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر