غەززەدىكى تۈركلەر مىسىرغا يېتىپ باردى
تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان 87 كىشى «رەفاھ چېگرا ئېغىزى» دىن ئۆتۈپ مىسىرغا يېتىپ باردى.
2066269
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۇ كەچەلى غەززەدىكى تۈركلەرنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ باياناتتا مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن تەركىب تاپقان جەمئىي 87 كىشى رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ مىسىرغا يېتىپ باردى.»
ئۇ يەنە، غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ۋە قاھىرەگە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ گۇرۇپپىنىڭ بۈگۈن (20-نويابىر) تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.