فىدان: ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىش كېرەك

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بىردەك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2066460
فىدان: ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) پىلان ۋە خامچوت كومىتېتىدا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە تەخمىنەن 12 مىڭ پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى. جامەلەرنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايمىز. ئۇزاق مەزگىللىك  تىنچلىق ئورنىتىش ئىرادىمىز قەتئىي. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بىردەك بېسىم ئىشلىتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشنىڭ بىردىنبىر يولى، 1967- يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىدە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشتۇر.»

مىنىستىر فىدان 10- ئاينىڭ 7- كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان، ياردەم ماتېرىياللىرى قاچىلانغان 11 ئايروپىلاننىڭ مىسىرغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، 983 تۈركىيە پۇقراسىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، 170 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر