تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ب د ت غا تەۋە مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەۋە ئەلفاخۇرا مەكتىپىگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2065968
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ب د ت غا تەۋە مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى (UNRWA) غا تەۋە ئەلفاخۇرا مەكتىپىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئونلىغان بىگۇناھ پەلەستىنلىك كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە بۇنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمىنىڭ غەززەدە بىۋاستە پۇقرالارنى، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنى قەستەن ۋە ۋەھشىلەرچە ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «غەززەدە مۇشۇ بەش ھەپتىدە ئىسرائىلىيەنىڭ قانلىق قولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ سانى ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن بىر نۇمۇس مەنبەسىدۇر. ئىسرائىلىيەنىڭ سادىر قىلىۋاتقان بۇ ئېغىر جىنايەتلىرى بىلەن قانۇننى ۋە بارلىق ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى ئاياق ئاستى قىلىشىغا خەلقئارا جەمئىيەت ئەمدى كۆپ كۆز يۇمماسلىقى لازىم» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىنسانىيەت تارىخىغا ھازىردىن باشلاپلا قارا داغلارنى چۈشۈرگەن بۇ قىرغىنچىلىققا مەسئۇل كىشىلەر، پەيدا قىلغان تەسۋىرلىگۈسىز ئازابلار ئۈچۈن ئادالەت ئالدىدا چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. غەززەدە دەرھال شەرتسىز ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىش شەرت بولدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ۋىجدانلىق ئەزاسىنى بۇ ھەقتە زۆرۈر بولغان قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىمىز»

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى (UNRWA) غا تەۋە نۇغۇن پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان ئەلفاخۇرا مەكتىپىنى شۇنداقلا غەززەنىڭ شىمالىدىكى بەيت لاھىيە رايونىدىكى تەل ئەز زاتەر مەكتىپىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.  

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ھەمدە مەكتەپ كارىدورىدا قالغان جەسەتلەرنى چىقىرىشتىمۇ  زور قىيىنچىلىقلار يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر