مىنىستىر كوجا غەززەلىك بىمارلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا غەززەدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن 27 بىمارنىڭ دىياگنوزلىرىنىڭ جەزملەشتۈرۈلۈپ، داۋالاش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2065911
مىنىستىر كوجا غەززەلىك بىمارلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوجا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بىمارلارنىڭ داۋالاش جەريانىغا ئالاقىدار سۈرەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

«غەززەدىن دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كېلىنگەن 27 بىمارنىڭ دىياگنوزى جەزملەشتى، داۋالاش جەريانى داۋاملاشماقتا» دېگەن كوجا، بىمارلار ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى:

«26 بىمارغا راك بىمارى دىياگنوزى قويۇلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 12 ئايال ۋە 18 ياشتىن تۆۋەن ئىككى كىشى بار. 18 ياشتىن تۆۋەن بىمارلارنىڭ بىرىدە يۇمشاق ھۈجەيرە راكى، يەنە بىرىدە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك قان كېسىلى بايقالدى. قۇرامىغا يەتكەن بىمارلىرىمىزنىڭ سەككىزىدە سۈت بېزى راكى، تۆت نەپىرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆپكە راكى، ئۈچ نەپىرىدە يۇمشاق ھۈجەيرە راكى، ئىككىسىدە چوڭ ئۈچەي راكى، بىرىدە ئۆت يولى راكى، بىرىدە دوۋساق راكى، بىرىدە بۆرەك راكى، بىرىدە ئاشقازان راكى، بىرىدە لىمفا راكى، بىرىدە ئاق قان كېسىلى، بىرىدە تېرە راكى يەنە بىرىدە مېڭە راكى دەپ دىياگنوز قويۇلدى».

غەززەلىك بىمارلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش جەريانىنىڭ ئەنقەرە بىلكەنت شەھەر دوختۇرخانىسىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان كوجا، داۋالاشنى مۇتەخەسسىس دوختۇرلارنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كوجا، ئىككى بىمارنىڭ باشقا بىر قىسىم كېسەللىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر