گۈلەر: مۇشۇ يىل ئىچىدە 1868 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر تۈركىيەنىڭ بۇ يىلقى چېگرا ھالقىغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 1868 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2065186
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مىنىستىرلىقنىڭ مەجلىس پىلان ۋە خامچوت كومىسسىيونىنىڭ <مىنىستىرلىقنىڭ خامچوت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش> يىغىنىدىكى سۆزىدە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيان دۆلەت ئىچى، ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ، 39 مىڭ 211 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 1868 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.