ۋاندا بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

ۋاندا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن يولغا ئورنىتىلغان پارتىلاتقۇچ پارتىلاش نەتىجىسىدە بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى.

2060357
ۋاندا بىر ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ۋاننىڭ باشقەلئە ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن يولغا ئورنىلتىلغان (يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋىلغان) پارتلاتقۇچنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان پەيتتە پارتىلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پارتلاش نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان كېلىشىملىك ئەسكەر بەكتاشنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈرگەن بۇ ۋەقەدە قازا قىلغان ئەزىز شېھىدىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. قايغۇلۇق ئائىلىسىگە، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا ۋە ئالىيجاناب مىللىتىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەمدە سەۋر- تاقەت تىلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر