مىنىستىر فىدان غەززە دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززە دىپلوماتىيەسىنى داۋام قىلدۇرماقتا.

2058638
مىنىستىر فىدان غەززە دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر خاقان فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسال بىن فەرخان بىلەن تېلېفونلىشىپ، پەلەستىندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئۇ يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئاگېنتلىقى باش كومىسسارى فىلىپپې لاززارىنى بىلەنمۇ تېلېفونلىشىپ، غەززەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر