قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز 33 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدىلا 33 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

2056253
قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز 33 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىسى ئادمىرال زەكى ئاقتۇرك ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرى.

ئادمىرال زەكى ئاقتۇرك، «پ ك ك/ك ج ك/پ ي د/ي پ گ/ دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى دۆلەت ئىچى ۋە چېگرا سىرتىدا ئۈزلۈكسىز، مۇۋەققىيەتلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش داۋاملاشماقتا. ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدىلا 33 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرورچىلارنىڭ سانى 1715 كە، 2015-يىلى 24-ئىيۇلدىن بۈگۈنەە قەدەر بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى  39 مىڭ 58 گە يەتتى» دېدى.

ئادمىرال زەكى ئاقتۇرك، «يەنە بىر تەرەپتىن، مۇشۇ بىر يىلدا سۈرىيەدىكى مەشغۇلات رايونىمىزدا شەكىللەندۈرۈلگەن بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان 417 قېتىملىق ھۇجۇمغا كېرەكلىك جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، ئالدىنقى ھەپتە سۈرىيەدە بىر تەرەپ قىلىنغان 26 تېرروچىنى قوشقاندا، بىر يىلدا جەمئىي 1298 تېرورچى ئۇجۇقتۇۇرلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر