تۈركىيە غەززەگە يەنە 2 ياردەم ئايروپىلانى ئەۋەتتى
غەززەگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يەنە ئىككى ئايروپىلان تۈركىيەدىن مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى.
2055693
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززەگە يەتكۈزۈلىدىغان گېنېراتور ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى قاچىلانغان يەنە 2 ئايروپىلاننىڭ مىسىرغا قاراپ يولغا چىققانلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئىككى ئايروپىلاندىكى ياردەملەر ئاساسلىقى گېنېراتور ۋە داۋالاش بۇيۇملىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ھازىرغىچە غەززە ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تۇشۇغان ياردەم ئايروپىلانلىرىمىزنىڭ سانى 6 گە يەتتى. بىز بۇ ياردەملەرنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز. غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»