ئەردوغان ئۇگاندا پرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇگاندا پرېزىدېنتى يوۋېرى مۇسېۋېنى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.
2054071
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەت جەريانىدا، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى دائىرىسىدىكى ۋەقەلەر بىلەن رايوننىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى تېزدىن كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى كېرەكلىكىنى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىتكە ئايلانغان ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.