ئەردوغان مالدىۋى پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇئىززۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالدىۋى پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇئىززۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2054072
ئەردوغان مالدىۋى پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇئىززۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەت جەريانىدا، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى دائىرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، تۈركىيەنىڭ ھەم رايوندا تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن، ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەھەتتە قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، داۋاملىق يېڭى فورمۇلالارنى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەردوغان سۆھبەتە يەنە، مۇئىززۇنىڭ دۆلىتىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر