ئەردوغان ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھانىيە بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ھاماس سىياسىي بېيرۇسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھانىيە بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

2054100
ئەردوغان ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھانىيە بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە، غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ۋە نۆۋەتتىكى جەريانلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە يېتىپ بېرىشى ۋە يارىلانغانلارنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا تۈركىيەدە داۋالاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، رايوندا بالدۇرراق ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردۇ.

ئەردوغان ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسىنى 1967-يىلىدىكى چېگراغا ئاساسەن،  پايتەختى قۇددۇس بولغان، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرماي تۇرۇپ، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئۈچۈن خەلقئارا ساھەلەردىكى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر