تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىتالىيە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى

ئىتالىيەدىكى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 20 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى ھەر ئىككى تەرەپتىن بىكار قىلىندى.

2053032
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىتالىيە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتالىيەدىكى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن، بۇ دۆلەتكە قارىتا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان جۈمە كۈنىدىكى TK 1878 مىلان-ئىستانبۇل، TK 1873 ئىستانبۇل-مىلان، TK 1874 مىلان-ئىستانبۇل، TK 1895 ئىستانبۇل-مىلان ۋە TK 1896 مىلان-ئىستانبۇل ئايروپىلان سەپەرلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ھەر ئىككى تەرەپتىن بىكار قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر