تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانا بومباردىمان قىلىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا ۋەھشىيلەرچە دەپ باھا بەردى ۋە ئۇنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىدى.

2052326
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانا بومباردىمان قىلىشىنى ئەيىبلىدى
Gazze.5.jpg
Gazze.8.jpg
Gazze.7.jpg
Gazze.11.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

 تۈركىيەنىڭ غەززەدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنىڭ جېندىن ئايرىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا: «بىز بۇ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇملاردا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغا رەھىم- شەپقەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز. بىۋاسىتە ھالدا پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، دوختۇرخانىلار ۋە مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان بۇ روھىي ھالەتنىڭ قانۇن ھەمدە ۋىجدان ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى مۇقەررەر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۆپ سانلىقى بوۋاقلار، بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس ۋەقەدىن كېيىن ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر