ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2051601
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنچە قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلارنى ئۇۋىلىرى بىلەن قوشۇپ يوقىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»