ھاماس تەرەپدارلىرىنىڭ ساقچى ماشىنىسىنى بۇلاپ قاچقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ يالغانلىقى تەكىتلەندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى يالغان تەشۋىقاتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى ھاماس تەرەپدارلىرىنىڭ ساقچى ماشىنىسىنى بۇلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈردى.

2050833
ھاماس تەرەپدارلىرىنىڭ ساقچى ماشىنىسىنى بۇلاپ قاچقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ يالغانلىقى تەكىتلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى يالغان تەشۋىقاتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى «پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس قوللىغۇچىلىرى شىۋېتسىيەدىكى نامايىشلىرى جەريانىدا ساقچى ماشىسىنى بۇلاپ قاچتى» دېگەن خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

مەركەزنىڭ باياناتىدا، مەزكۇر ناتوغرا تەشۋىقاتقا ئالاقىدار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۈرەتلەرنىڭ 2022 – يىلى ئاپرېلدا دانىيەلىك ئاشقۇن ئوڭچىل سىياسەتچى راسمۇس پالۇداننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە سادىر قىلغان «قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش» قۇتراتقۇلۇقىغا قارشى نامايىشلار جەريانىدا تارتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرىلەنگەن <شىۋېتسىيەدىكى نامايىشتا ھاماسنىڭ قوللىغۇچىلىرى ساقچى ماشىنىسىنى بۇلاپ قاچتى> دېگەن ئەيىبلەشلەر  توغرا ئەمەس. بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقىنىدەك ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك نامايىشلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر