تۈركىيە جەنۇبىي سۇداندىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللىدى

تۈركىيە جەنۇبىي سۇدان دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن جەنۇبىي سۇدان بىرلەشمە ئارمىيەسىگە ھەربىي فورما ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ياردەم قىلدى.

2049351
تۈركىيە جەنۇبىي سۇداندىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جەنۇبىي سۇدان دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، 2018-يىلقى كېلىشىمگە ئاساسەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن جەنۇبىي سۇدان تىنچلىق مۇساپىسىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن يېڭى قۇرۇلغان بىرلەشمە ئارمىيەگە 75 مىڭ ھەربىي فورما ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىئانە قىلدى.

جەنۇبىي سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، تۈركىيەنىڭ جۇبا باش ئەلچىسى ئەردەم مۇتاف 75 مىڭ ھەربىي فورما ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى جەنۇبىي سۇدان دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى.

جەنۇبىي سۇدان دائىرىلىرى مۇراسىمدا قىلغان سۆزلىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەنى قوللىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە تۈركىيە خەلقى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

2021-يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا باشلانغان ھەمكارلىق باسقۇچى دائىرىسىدە، تۈركىيە ئىئانە قىلغان ھەربىي ماتېرىياللارنىڭ دەسلەپكى قىسمى 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ھاۋا يولى ئارقىلىق جۇباغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن، قالغان ماتېرىياللار بولسا دېڭىز يولى ئارقىلىق كېنىيەنىڭ مومباسا پورتىغا ئەۋەتىلگەن، ئاندىن جەنۇبىي سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ يەردىن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق جۇباغا يۆتكەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر