ئەردوغان قايتىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسلىكىگە سايلاندى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قايتىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئسىلىكىگە سايلاندى.
2047640
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ 4 – قېتىملىق پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدا ئىناۋەتلىك 1399 بېلەتنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىپ، قايتىدىن پارتىيە رەئىسلىكىگە سايلاندى.
بېلەت تاشلاش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 75 ئەزادىن تەركىب تاپقان مەركىزىي قارار چىقىرىش ۋە ئىجرائىيە ئورگىنىمۇ بېكىتىلدى.