مىنسىتىر فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە قويۇق ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

2045932
مىنسىتىر فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە قويۇق ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X>  تىكى ئادرېسىدا مىنىستىر فىداننىڭ دىپلوماتىك ئالاقىلىرى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىدى.

ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر فىدان سۈرىيە مەملىكەتلىك ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر ئىتتىپاقى رەئىسى ھادى ئەلباھرا، سۈرىيە سۆھبەت كومىتېتى رەئىسى بەدىر جامۇس ۋە سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەئىسى ئابدۇراخمان مۇستافانى قوبۇل قىلغان.

فىدان يەنە، خەلقئارا كۆچمەنلەر سىياسىتى تەرەققىيات مەركىزىي باش دىرېكتورى مايكىل سپىندېلېگگېر بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر