ئەردوغان يەھۇدىيلارنىڭ روش ئاشانا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدىكى يەھۇدىي پۇقرالارنىڭ يېڭى يىلىنىڭ سىمۋولى بولغان روش ھاشىنا بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

2038035
ئەردوغان يەھۇدىيلارنىڭ روش ئاشانا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ روش ئاشانا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەدىكى يەھۇدىي پۇقرالارنىڭ ئىبرانىي كالېندارى بويىچە يېڭى يىلىنىڭ سىمۋولى بولغان روش ئاشانا بايرىمىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادلار، سۆيگۈ ۋە خۇش پېئىل جەمئىيىتىمىزنى بېيىتىدىغان ئامىللاردۇر. پۇقرالىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرى (ئۆرپ – ئادەتلىرى) نىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئالاھىدە كۈنلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ ھۆسن قوشماقتا، شۇنداقلا تارىختىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇقىمىز ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. مانا مۇشۇ ئاڭنى چۆرىدىگەن ھالدا، روش ئاشانا بايرىمىنىڭ بىزنىڭ يەھۇدىي پۇقرالىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق يەھۇدىيلارغا ساغلاملىق، تىنچلىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر