فىدان كلېۋېرلىي بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىراق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۈركىيە ۋە قاتارنىڭ «تۈركىيە - ئىراق تەرەققىيات يولى تۈرى» توغرىسىدا جىددىي سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2037352
فىدان كلېۋېرلىي بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى بىناسىدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېيمس كلېۋېرلىي بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى سۆز قىلدى.

مىنىستىر فىدان 9-، 10- سېنتەبىر كۈنلىرى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالانغان «ھىندىستان- ئوتتۇرا شەرق- ياۋروپا ئىقتىساد كارىدورى» ھەققىدە توختىلىپ،: «تۈركىيە ھازىر بۇ ئىش بىلەن ئالدىراش. بولۇپمۇ ئىراق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۈركىيە، قاتار بۇ مەسىلىدە كەسكىن سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ. جۇمھۇر رەئىسىمىز بولۇپمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى (شەيخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئال نەھيان) بىلەن كۆرۈشكەندە، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار  تىرىشچانلىقلارنىڭ رەسمىي ھۆججەتلەردىكى قىسمىنىڭ تاماملىنىپ، ئەمەلىي قىسمىغا قەدەم قويۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. بىز بۇ دەسلەپكى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئىراق دائىرىلىرىگىمۇ يەتكۈزدۇق» دېدى.

مەنسەپدىشى كلېۋېرلىي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر، بولۇپمۇ قىبرىس مەسىلىسى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋە سۈرىيە توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئەنگلىيە قىبرىسنىڭ كاپالەتچى دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. بىز بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە ئارالدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا، قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى كارىدورىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى يولىدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدىمۇ سۆزلەشتۇق. بىز دۇنياۋى مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن بۇ كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا ھەمپىكىرمىز.»

ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە سۇدان ئىگىلىك ھوقۇقى كېڭىشى رەئىسى گېنېرال – پولكوۋنىك ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ۋە لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

فىدان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سۇداندىكى ئىنسانىپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى، ئەلبۇرھان بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ، بولۇپمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان لىۋىيە خەلقىدىن ھال سوراپ، تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن فىدان، تۈركىيەنىڭ ئۈچ ھەربىي يۈك ئايروپىلانىنىڭ لىۋىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، 168 ئىزدەش- قۇتقۇزۇش خادىمى، ئىككى ئىزدەش- قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە ئىككى ئىزدەش- قۇتقۇزۇش كېمىسىنىڭمۇ لىۋىيەگە يوللانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاللاھتىن ماراكەشتىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا رەھىم – شەپقەت، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى ھەمدە ماراكەش ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورىدى.

فىدان شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «تۈركىيە 2020- يىللىق مادرىد باشلىقلار يىغىنى ۋە 2023- يىلىدىكى ۋىلنيۇس ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە سادىق. بۇ يەردە سىزىلغان يول خەرىتىلىرى، تەرەپلەردىن كۈتۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ۋە مەجبۇرىيەتلەر بار، بۇ ئېنىق. ۋەزىيەت بۇ نۇقتىنى بويلاپ ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.

كلېۋېرلىي يىغىندا سۆز قىلىپ: «تۈركىيە بىز ۋە ئەنگلىيە ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان شېرىك» دېدى.

تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن كلېۋېرلىي، ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «(تۈركىيە) بىزنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن، ئورتاق گۈللىنىشىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ياۋروپا ئۈچۈن، رايون ئۈچۈن، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مۇناسىۋەت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر