ئەردوغان: ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ قاراباغدىكى قىلمىشلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاراباغدا ھازىر تاشلانغان قەدەملەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ رايوننى (قاراباغنى) تىنچلىنىشقا تەكلىپ قىلىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا دائىر خەلقئارالىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ئەردوغان ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان چېگراسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ئۈستىدە توختىلىپ، «ئەتە مەن (ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول) پاشىنيان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشىم مۇمكىن. بىزنىڭ بۇ رايوننى (قاراباغنى) تىنچلىنىشقا تەكلىپ قىلىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق. ھازىر قاراباغدا تاشلانغان بۇ قەدەملەر توغرا قەدەم ئەمەس. بۇنى قوبۇل قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.
ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدا رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايونلاردا ئەرمېنىيە قىسىملىرى يېقىندىن بېرى قانۇنسىز ئاكۇپ كولاش ۋە ئىستىھكام قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.