ئەردوغان: پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ماراكەشلىك قېرىنداشلىرىمىزغا  يار - يۆلەك بولىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

2035050
ئەردوغان: پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ماراكەشلىك قېرىنداشلىرىمىزغا  يار - يۆلەك بولىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان تەزىيە باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ماراكەشتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق ماراكەش خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن. يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن. بۇ مۇشەققەتلىك كۈنلەردە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ماراكەشلىق قېرىنداشلىرىمىزغا  يار - يۆلەك بولىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر