ئەلى يەرلىقايا ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەيۋازوۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلايەت ئەيۋازوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

2034610
ئەلى يەرلىقايا ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەيۋازوۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركەزلىرىگە مەسئۇل مىنىستىرلىرىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلايەت ئەيۋازوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

 ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلايەت ئەيۋازوۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

يەرلىقايا ئۇچرىشىشتا تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر توسالغۇلارنى پەيدا قىلىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، ھەر خىل تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى مەسىلىسىدە قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقىدىن مىننەتدارلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

يەرلىقايا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى، داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلايەت ئەيۋازوۋ ئەزەربەيجاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ قوغدىلىشى نەتىجىسىدە، ئەزەربەيجان پۇقرالىرى، تۈرك سودا – سانائەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تىنچ ياشىشى ۋە خاتىرجەم پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلانغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئەيۋازوۋ ئەزەربەيجان ساقچى قىسىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلىگەن، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

 ئۇچرىشىشتا يەنە ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر