فىدان ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن  قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد ئاتتاف بىلەن  قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

2034439
فىدان ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن  قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىدان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن ئۇچرىشىشتا دۆلەت ئىشلىرى، سودا ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر فىدان ئالجىرىيەدە كۆپ ساندا تۈرك سودا – سانائەتچىلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيەگە سالغان مەبلىغىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. ئالجىرىيە دائىرىلىرىمۇ شۇنداق. دەرۋەقە، بۇ ھەقتىكى ئىرادىمىزمۇ قەتئىيدۇر.»

فىدان ئالجىرىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقتىن سىرت يەنە، رايونلۇق ھەمكارلىق مەسىلىلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى، ھەمدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئافرىقاغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى سىستېمىلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھالدا يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى 12 بولغان ئەلچىخانىسىنىڭ سانىنىڭ 46 كە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ۋە ئاممىۋى ھايات ساپاسىنى ئۆستۈرۈش يولىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دەرۋەقە، ئافرىقا ئەللىرىمۇ تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسەت ھەم خىزمەتلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا ئەللىرىنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش ۋە ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. بارلىق ئورگانلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئافرىقادا ئىختىيارىي ھەمكارلىق ئاساسىدا پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ھەمدە بارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىغان كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئاتتاف تۈركىيە – ئالجىرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش ھەم تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر