فىدان ئەنقەرەدە مۇھەممەد مىفتاھ بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە لىۋىيە ئالىي كېڭىشى رەئىسى مۇھەممەد مىفتاھ تاقالانى كۈتۈۋالدى.

2031127
فىدان ئەنقەرەدە مۇھەممەد مىفتاھ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى — X تىكى ئارېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مىنىستىرىمىز خاقان فىدان ئەنقەرەدە لىۋىيە مەملىكەتلىك ئالىي كېڭىشى رەئىسى مۇھەممەد مىفتاھ تاقالانى كۈتۈۋالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر فىدان تۈنۈگۈن يەنە مولداۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا شەھىد بىلەنمۇ تېلېفونلىشىپ، رايونغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر