فىدان: قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى قايتا يولغا قويۇشنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

2029368
فىدان: قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى قايتا يولغا قويۇشنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ مەسىلىدە ناھايىتى سىستېمىلىق ھالدا خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مىنىستىر فىدان تۈنۈگۈن زىيارەتتە بولغان ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇرەسسەچىلىكى نەتىجىسىدە يولغا قويۇلغان، مۇددىتى 17 – ئىيۇل كۈنى توشقان قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى سايىسىدا 33 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق ھەم يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازارلىرىغا سېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى17-ئىيۇل كۈنى توشتى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتە ئاشلىق ئېكسپورتى ئۈچۈن باشقا يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. لېكىن بۇ يوللارنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقى ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ پايدىلىرى يوقىلىپ كېتىشتىن ئىلگىرى بۇ باسقۇچنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. شۇ ۋەجىدىن، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىۋاتىمىز.»

فىدان قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى قايتا يولغا قويۇش مەقسىتىدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ قايتا يولغا قويۇلۇشى تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇ كېلىشىم دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئىنسانىي ئېھتىياجلار ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ مەسىلىدە ناھايىتى سىستېمىلىق ھالدا خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ دائىرىدە ئۇكرائىنا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، رۇسىيە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىشلار،  ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى خىزمىتىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىز ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»

مىنىستىر فىدان كېيىنچە كىيېۋدا قىرىم تاتار تۈرك جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، مىنىستىر فىدان ئۇچرىشىشتا تۈركىيەنىڭ قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە خەلقئارالىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش يولىدىكى بارلىق تەشەببۇسلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر