ئەردوغان: تۈركىيەنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەم تېخىمۇ گۈللەنگەن، نوپۇزلۇق، كۈچلۈك ۋە خاتىرجەملىككە تولغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق خەلققە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2028956
ئەردوغان: تۈركىيەنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 22 – يىللىقىنى خاتىرىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.  

ئەردوغان سۆزىدە، پارتىيەسىنىڭ 22 يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيە، تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان قىلىنغان يېڭى دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مائارىپ، سەھىيە، ئادالەت، بىخەتەرلىك، قاتناش، سانائەت، ئىقتىساد، دېھقانچىلىق ساھەلىرىدە، قىسقىسى، كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە بىز ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.»

ياشلارغا بەرگەن ۋەدىسى بولغان «تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى» غا يېتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەگە بىرىنچى دەرىجىلىك دېموكراتىيە، بىرىنچى دەرىجىلىك ئىقتىساد ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك كېلەچەك ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرۇسا، جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئۇستىلىق دەۋرىدە ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ۋەزىيىتى تېخىمۇ تىنچ تۈركىيە قۇرۇش ئارقىلىق خەلقىمىزگە بەرگەن ۋەدىمىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر