مىنىستىر فىدان ئىراقتا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىراقتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2027837
مىنىستىر فىدان ئىراقتا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىراقتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن.

خاقان فىدان زىيارىتى دائىرىسىدە ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد ۋە ئەربىلدە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا تۈركىيە – ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش پۇرسەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىلىق  ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر