ئەردوغان بۇداپېشتتا بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (2023-يىلى 20-ئاۋغۇست) ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

2027177
ئەردوغان بۇداپېشتتا بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋىكتور ئورباننىڭ تەكلىپى بىلەن يېتىپ بارغان پايتەخت بۇداپېشتتىكى كارمېلىتا موناستىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زىيارىتى رامكىسىدا، بۇداپېشتتا ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشلەردە، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايون ۋە دۇنيا مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇداپېشتتا سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە-سېربىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بالقانلارنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق نۇقتىسىدىن سېربىيەنى ھالقىلىق دۆلەت سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە-سېربىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇداپېشتتا باشلانغان 2023-يىللىق دۇنيا يېنىك ئاتلىتكا مۇسابقىسىنىڭ ئەرلەر 100 مېتىرغا يۈگرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆردى. ئۇ سەھنىدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامېد ئالسانى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئۇ ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى كاتالىن نوۋاك بىلەن كۆرۈشكەندە، ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى زەلىكا جۋىژيانوۋىج ۋە سېربىيە پىرېزىدېنتى مىلوراد دودىك بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى زەلىكا جۋىژيانوۋىج بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، ھازىرقى ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلاش مۇمكىن بولغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇداپېشتتىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قايتتى.

ئۇ ۋېنگىرىيە زىيارىتى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بۈگۈن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز ھەمدە ناتودىكى ئىتتىپاقدىشىمىز ۋېنگىرىيەنىڭ قۇرۇلۇش يىلى ۋە دۇنيا يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇداپېشتتا بولدۇق. زىيارەتلىرىمىزدە، ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرىغا مېھمان بولغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدۇق» دېدى.

ئۇ ۋېنگىرىيە بىلەن چوڭقۇر ۋە ساغلام دوستلۇق رىشتىلىرىغا تايانغان كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 2022-يىلى 3.5 مىليارد دوللار سەۋىيەسىگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. بىرلىكتە تىرىشىش ئارقىلىق بۇ رەقەمنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 6 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تاشلايدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنغان زىيارىتىمىزنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر