جەۋدەت يىلماز بۈگۈن پاكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن بۈگۈن (2023-يىلى 2- ئاۋغۇست) پاكىستانغا يېتىپ بارىدۇ.

2018966
جەۋدەت يىلماز بۈگۈن پاكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان <MİLGEM> لايىھەسىنىڭ 4-پاراخوتى بولغان  <PNS TARIQ>  ناملىق پاراخوتنى سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمى بۈگۈن پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن كاراچىدىكى زاۋۇتىدا پاراخوتنى سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

جەۋدەت يىلماز زىيارەت دائىرىسىدە، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ، شۇنداقلا ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر