مىنىستىر فىدان گىرېتسىيەدىن ھال سورىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان گىرېتسىيەدە داۋام قىلىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس گېراپېترىتىستىن ھال سورىدى.

2016560
مىنىستىر فىدان گىرېتسىيەدىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، مىنىستىر فىداننىڭ گىرېتسىيەلىك مەنسەپدىشى گېراپېترىتىسقا گرېتسىيەدىكى داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، گىرېتسىيەدىن ھال سورىغانلىقىنى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى ئۇچقۇچىغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر